مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاپات بولغان «پامىر بۈركۈتى»نى ياد ئېتىش

2021.04.06 12:16 مەنبە: خەلق تورى

  ئەڭ چوڭقۇر ياد ئېتىش ئەۋج ئالدۇرۇشتۇر، ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ۋارىسلىق قىلىشتۇر.

  4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چىڭمىڭ بايرىمى. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتىدىكى ئىنقىلابىي قۇربان لاچىن بايەكە قەبرىستانلىقى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، قەشقەر داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بۇ يەرگە كېلىپ ئىنقىلابىي قۇربانغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ۋاپات بولغان «پامىر بۈركۈتى»نى ياد ئەتتى.

  قەشقەر داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دېڭ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «<پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش> پائالىيىتى ئارقىلىق، بىز ئىنقىلابىي قۇربان لاچىن بايەكەنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرىدىغان، چېگرانى مۇستەھكەملەيدىغان ئىزباسارلاردىن بولۇپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىشقا تەربىيەلەيمىز».

  توردا قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، چىڭمىڭدا ياد ئېتىش. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كادىرلار، ئامما بەس - بەس بىلەن شىنجاڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا لاچىن بايەكە ئۈچۈن ديەنزەن قىلدى، گۈل تەقدىم قىلدى.

  ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ يۇرتىدا، قەشقەر ۋىلايىتى لاچىن بايەكەنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرانى قوغداشتەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى، ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگەندى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ يى مۇنداق بىلدۈردى: لاچىن بايەكەنىڭ قەھرىمانلىق ھەرىكىتى ۋە ئىلغار ئىش ئىزلىرى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى جانلىق شەرھلەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ سادىقلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك سەمىمىي ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنى قوللاشتەك دەۋر خىسلىتىنى روشەن نامايان قىلدى.

  كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ۋە قىسمەن كەنت ئاھالىلىرى توردا قەھرىمانلار - قۇربانلارغا «بۇلۇت گۈل تەقدىم قىلىپ»، قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ئەسلەيدىغانلىقىنى، ياد ئېتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇڭ يەنتاۋ مۇنداق دېدى: «لاچىن بايەكەنىڭ ئىش ئىزلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، مەن ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ قەتئىي تۈرتكە بولغۇچىسى بولىمەن».

  ھايات - ماماتلىق سىناق ئالدىدا، لاچىن بايەكە ھاياتلىق ئۈمىدىنى باشقىلارغا قالدۇرۇپ، ئۆلۈم خەۋپىنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، ھاياتى ئارقىلىق قەھرىمانلىق قەسىدىسىنى پۈتتى. مارالبېشى ناھىيەلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىن چىققاندا، مارالبېشى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى زۇلپىيە تۇرسۇن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن لاچىن بايەكەدىن ئۆگىنىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنى قەلبىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا قويۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

  ئىنقىلابىي قۇربان لاچىن بايەكە قەبرىستانلىقىدا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى سەپداشلىرى ۋە تىزناپ يېزىسىدىكى چارۋىچىلار بەس - بەستە گۈل تەقدىم قىلىپ، قەھرىمانلار - قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش، گۈل تەقدىم قىلىش، پارتىيەگە كىرىش، ئىتتىپاققا كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش، قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەركەزلىك قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇنى چىڭمىڭ مەزگىلىدىكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدى.

  «چېگرا قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز قەھرىماننىڭ روھىغا پامىر ئېگىزلىكىدە مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىمىز، ۋەتەننىڭ ھەربىر سۇڭ زېمىنىنى ياخشى قوغدايمىز، ۋەتەننىڭ ھەربىر سۇڭ تاغ - دەرياسىنى ياخشى قوغدايمىز» دېدى چېگرا قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 20 يىل بولغان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دەفتەر يېزىسى راسكام كەنتىدىكى چېگرا قوغدىغۇچى چىلاق مەمەترېھىم قەتئىيلىك بىلەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ