شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى

2021.04.02 13:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 30 - كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر نوروۋ ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن 30 نەچچە كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى لى خۇي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى.

  ئېكسكۇرسىيەگە، زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ئەرمېنىيە، تاجىكىستان، بېلارۇسىيە، نېپال، ئەزەربەيجان، مولدوۋا، ئىران، پاكىستان، رۇسىيە، بېنگال، مالايسىيا، مالدىۋې، گىرۇزىيە، ھىندونېزىيە، كامبودژا، قازاقىستان، سىرى لانكا، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن.ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، باش تېما كۆرگەزمىسى، دىنىي پائالىيەت مەيدان - سورۇنلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرى، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قاتارلىقلاردا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولىدۇ ھەم ئامما ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى تەشۋىقات - تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  3- ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئەمەلىي بۇيۇم، ئايرىم دېلولار كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىپ، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادىتى ھەم رەڭدار مەدەنىيىتىنى تولۇق ھېس قىلدى. گىلەم، خىلمۇخىل ئەتلەس كىيىم - كېچەكلەر، شەكلى ھەر خىل قولدا ياسالغان چالغۇ قاتارلىق ئىنتايىن خاسلىققا ئىگە شىنجاڭنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ قولىدىن چۈشمىدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى ئاق مەسچىت، قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى قاتارلىق جايلاردا، دىنىي زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىغا كۈندىلىك ناماز ئوقۇش، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش ھەمدە مەسچىتلەرگە «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش، توققۇزنى سەپلەش» ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، كۆپچىلىك جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بارغان ھەربىر يېرىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئاڭلىدى ھەم ناۋاي ئۇستاملار، دىنىي زاتلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى.

  ۋىلادىمىر نوروۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى ئالاقىلىشىش شەكلى ۋە ھەمكارلىق سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەرەققىياتى تېز بولدى. ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇش ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تېخىمۇ پارلاق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ