مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.04.01 13:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۆھرەت زاكىر سانجى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

  قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ سانجى ۋاخاخا سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىدە، شۆھرەت زاكىر سېخلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى، ئۇ كارخانىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. شىنجاڭ لەنشەن تۈنخې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىدە، شۆھرەت زاكىر كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، كەلگۈسى يىرىك پىلان قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كارخانا تەرەققىياتىدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭ تيەنيۈەن جۇڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىدە، شۆھرەت زاكىر تېز يوللانمىلارنى ئايرىش تەرتىپى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش تەرتىپى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارغا كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، شۆھرەت زاكىر ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتلىرىنى ئاڭلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، مەدەت بېرىدىغان روشەن يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئامىل ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگىرىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؛ سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؛ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش»نى تېزلىتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئۈچ بازا، بىر يول» نۇقتىلىق تۈرى ۋە كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ دۆلەتنىڭ «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشى، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇشى، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ