مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈش

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە لېكسىيە سۆزلىدى

2021.04.01 13:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە لېكسىيە سۆزلىدى ھەم كەنت (مەھەللە)، كارخانا، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى سانجى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەركىزىدە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى پەرھات جالال باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئاساسلىق مەزمۇنى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈردى. لېكسىيە دوكلاتىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، ئېنىق، ئەتراپلىق، چۈشەندۈرۈلۈشى تەلتۆكۈس بولۇپ، ھەم نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەنگەن، ھەم مىساللار ئارقىلىق يېشىپ تەھلىل قىلىنغان، ھەم تارىخ خۇلاسىلەنگەن، ھەم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىنغان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقانلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوچۇق دەرسى بولدى.

  لېكسىيە ئۆمىكى يەنە قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسىگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى.

  3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە تۇنجى مەيدان ئالىي مەكتەپلەر لېكسىيەسى ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گاۋ فاشۇي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق لېكسىيە سۆزلىدى. كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە تارىخىغا ئائىت ئاساسىي ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

  سەرخىل لېكسىيە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ساداسىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش جەريانىدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ ياخشى كۆرسىتىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ