مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

A پايچېكى بازىرىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى ئۇدا نەچچە كۈن «قىزاردى»

2021.04.01 13:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى A پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەممىسى ئۆرلىدى، شىنجاڭ بۆلىكى ئۆرلەشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، تولۇق «قىزاردى». شۇ كۈنى بازار يېپىلغانغا قەدەر، شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %4.33كە يەتتى، 47 يەككە پاي چېكى ئۆرلىدى، 17 پاي چېكى ئۆرلەپ توختىدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ بۆلىكى ئۇدا 5 - سودا كۈنى ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

  شىنجاڭ بۆلىكى بىلەن ماس قەدەمدە، شىنجاڭ چىگىتلىك پاختىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان «پاختا شاھى» شىنسەي پاي چېكى (شىنجاڭ سايرام زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتى) 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا كۆپ كۈن ئۆرلەپ توختىغان پاي چەكلىرى قاتارىغا كىردى، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بازار يېپىلغاندىكى ئۆرلەش نىسبىتى %10.02 بولۇپ، ئۆرلەش يۈزلىنىشى يەنىلا كۈچلۈك بولدى. بېيكې مالىيەسىنىڭ تەھلىلچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا BCI (شىۋېيتسارىيە ياخشى پاختا تەرەققىيات جەمئىيىتى) ھەم قارىمىقىدىكى ئەزالاردىن H&M قاتارلىق ماركىلار شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلەشكە ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلغانلىقتىن، دۆلىتىمىز ئىستېمالچىلىرىنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىدى. ئېھتىمال بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، پاختا كەسپىگە چېتىلىدىغان كۆپلىگەن يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق پاي چەكلىرى ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئۆرلىدى.

  شىنجاڭ بۆلىكىدە شىنسەي پاي چېكى، شياڭلى پاي چېكى، گۇەننۇڭ پاي چېكى، شىننۇڭ كەيفا قاتارلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يەم - خەشەك، بېلىقچىلىققا ئالاقىدار يەككە پاي چەكلىرى سىجىل قىزاردى، پاي چېكى سالونىدىكى مۇھاكىمىدىمۇ «جۇڭگونى قەتئىي قوللايمىز، شىنجاڭنى قەتئىي قوللايمىز» «قارا چاپلاشنى توسىمىز، شىنجاڭ پاختىسىنى قوللايمىز» قاتارلىقلار كۆپ تىلغا ئېلىنىپ قىزغىن مۇھاكىمە قىلىندى.

  ئەمەلىيەتتە، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىغا ئالاقىدار يەككە پاي چەكلىرىلا ئەمەس، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شىنجاڭ بۆلىكىدىكى شىنيەن پاي چېكى، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى، جۇڭگو نېفىت قۇرۇلۇشى، تيەنفۇ ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كۆپ ساندىكى پاي چەكلىرىمۇ ئۆرلەپ توختىدى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانى ئىمزالىغانلىقىمۇ پايدىلىق ئامىللارنىڭ بىرى. شىنجاڭ خۇڭيۈەن ئاكسىيەسىدىكى ليۇ فامىلىلىك مەبلەغ سېلىش مالىيە باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنى قوللاش قىزغىنلىقىنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭ بۆلىكى ئۇدا بىرنەچچە كۈن قىزغىن ئۆرلەپلا قالماي، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ھەربىي سانائەت، ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ پېيىمۇ ئۇدا كۈچەيدى. مەسىلەن، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپى بولغان PBAT (بىيو پارچىلانما ماتېرىيال) تۈرىنى قۇرۇشقا مەبلەغ سالغان شىنجاڭ تيەنيې، كىرېمنىي كاربىد ياپراقچىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىنى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقان تيەنفۇ ئېنېرگىيەسى، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ئۇقۇم بۆلىكىگە كىرگەن جۇڭتەي خىمىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بازاردا ئالقىشقا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ بۆلىكىدىكى كۆپلىگەن پاي چېكىنىڭ ئۇدا بىرنەچچە كۈن زور ھەجىمدە ئۆرلىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، پېيى بازارغا سېلىنغان بىر قىسىم شىركەتلەر پاي چېكى باھاسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئېلان چىقىرىپ، پايچىلارغا ئاقىلانە مەبلەغ سېلىشنى ئەسكەرتتى. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسى يېقىندا ئۆتكۈزگەن «پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى»دا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى كونترول قىلغۇچى پايچىلار، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلار مەۋقەنى ئاساسىي كەسىپكە قويۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، پۇختا، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى تۈپتىن ئۆستۈرۈپ، «باشلامچى»لىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ