مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كىتابخۇمار سىياسىي كېڭەش» تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى باشلاندى

2021.04.01 13:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھويلا تېمى يوق، تەتىلى يوق بىر داشۆ بەرپا قىلىش

  «كىتابخۇمار سىياسىي كېڭەش» تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى باشلاندى

  3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «كىتابخۇمار سىياسىي كېڭەش» تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ 2021 - يىللىق باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  بۇ قېتىمقى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى بولۇپ، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە ئورگاندىكى كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە يۈزلىنىپ، تارقاق بولۇش بىلەن مەركەزلىك بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش، تور ۋە تور سىرتىنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ساھە ئايرىمىسىنى كۆزلىگەن، ساھە ئايرىمىسىدىن ھالقىغان، كەسىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان، كەسىپ ھالقىغان سىياسىي كېڭەشنىڭ كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ھويلا تېمى يوق، تەتىلى يوق بىر داشۆ بەرپا قىلىنىدۇ. كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى بۇ يىل ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى، ئەزالار قاتناشتۇرۇلىدۇ، تەجرىبە توپلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا يولغا قويۇلىدۇ. 1 - قارارلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش − ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىلىق كىتاب ئوقۇش توپى يولغا قويۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» قاتارلىق زۆرۈر ئوقۇشقا تېگىشلىك تۆت كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش ئاساس قىلىنىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش باش تېما قىلىنغان پارتىيە تارىخى تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ياخشى قاتناشقۇچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى بولۇش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئىچكى تەلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشتىكى ئۈنۈملۈك يول. كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى يۇقىرى ئورۇن، يۇقىرى قىزغىنلىق، يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى قانات يايدۇرۇپ، بۇ يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «كىتابخۇمار سىياسىي كېڭەش» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق «كىتابخۇمار جەمئىيەت» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم ۋەزىپە. كۆپ كىتاب ئوقۇش، ياخشى كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇشنى پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە سىياسىيۋىلىكنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، قاراتمىلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىجىللىققا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتچانلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ كىتاب ئوقۇش ھوسۇلىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. «تور» ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق «يېتەكلەش» ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، «توپ»نىڭ تارتىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، «ئىشلىتىش»نىڭ نېگىزىنى ئىگىلەپ، كىتاب ئوقۇش بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ مېخانىزملىشىش، تەرتىپلىشىش، قېلىپلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چوقۇم ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگان كادىرلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جۈرئەت ئىمىن، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ باشلىنىش مۇراسمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ