مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان شىنجاڭلىق ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆردۈم

تىيانشان تورى- شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ، مېھرىگۈل ناسىر

2021.04.01 12:27 مەنبە: خەلق تورى

  3- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى ئاق مەسچىتتە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ناماز ئوقۇۋاتاتتى، بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەن ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەت كېشاۋارززادمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭچە شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ مۇھىتى ناھايىتى ياخشى.

  مۇھەممەت كېشاۋارززاد شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر نوروف، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بولۇپ 30 نەچچە كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تەدرىجىي ياخشىلاشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆردى.

  ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ھېس قىلدى. «چوڭ زالنىڭ ئىچى ئازادە، يورۇق، گىلەم يۇمشاق، پاكىز، يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىچىملىك سۇ ماشىنىسى سەپلەنگەن، تېخىمۇ سەمىمىي بولغىنى، يەنە ياشانغانلار ۋە مېيىپلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق بولغان ئۈستەل-ئورۇندۇقلار سەپلەنگەن.» مۇھەممەت كېشاۋارززاد مۇنداق دېدى: مەسچىت ئىچىدە يەنە ئاشخانا، سۇ بىلەن چايقىلىدىغان ھاجەتخانا، تازىلىق ئۆيى، تەبىئىي گاز، كەڭ بەلباغ، رادىيو-تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ سېلىنغان، مەخسۇس مەدەنىيەت قىرائەتخانىسىمۇ سېلىنغان، مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.

  جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ بەزى غەرب تاراتقۇلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغاندەك، «جۇڭگو ئىسلام دىنىغا زەربە بېرىۋاتىدۇ، جۇڭگودا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يوق.» دىگەندەك سۆزلەرگە ئوخشىمايدۇ. مۇھەممەد كېشاۋەرززاد مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، بىز جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۇق، تامامەن مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدىغىنى شۇكى، جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ناھايىتى ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى بىلەن تەمىنلەپتۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقادى پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ شەخسىي ئارزۇسى بويىچە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ