مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە بىر قېتىملىق جانلىق دەرس

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئامما ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

2021.03.26 12:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3- ئاينىڭ 24 - كۈنى سەھەر، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىڭدې يولىغا جايلاشقان ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى جىمجىت ھەم سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركەز پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېننىڭ ھەمراھلىقىدا، ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى ئەسلىدى.

  ئەسلىي تۇرالغۇدىكى ھەربىر پارچە كونا سۈرەت، ھەربىر قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيالدا ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ شانلىق ھاياتى خاتىرىلەنگەنىدى. «ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىن شىنجاڭدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرى، خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىدىكى قىيىن ۋەزىيەتنى تېز ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت ياراتقان...»

  چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تەسىرلىك بايانلىرى كۆپچىلىكنى ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارغا باشلاپ باردى. «مەن كوممۇنىزملىق مەيدانىمدىن ۋاز كېچەلمەيمەن! مەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئايرىلمايمەن!» دۈشمەننىڭ دەھشەتلىك قىيىن - قىستاقلىرى ئاستىدا، ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىن قىلچە تەۋرەنمىگەن، ئۇ قىممەتلىك ھاياتىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغۋار ئازادلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بولۇپ، يۈكسەك ئىنقىلابىي روھى مەيداندىكىلەرنىڭ ئالىي ئېھتىرامىنى قوزغىدى.

  «ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ شانلىق نامى تىيانشان تېغى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.» ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ مىس ھەيكىلى ئالدىدا، چۈ چىڭشەن ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا مۇنداق دېدى: «ئىنقىلابىي قۇربانلار يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىپ، قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇردى، بۇ خىل روھنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، بۇ، بىزنى يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ. بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىش ئۈچۈندۇر».

  كادىرلار، ئامما پۈتۈن زېھنى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئالقىش سادالىرى پات - پات ياڭرىدى. كۆپچىلىك يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ بەس - بەستە سوئال سورىدى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.

  «مەن مەھەللە خىزمەتچىسى، ئاساسىي قاتلامدا پارتىيە تارىخى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەنى قانات يايدۇرغاندا، قايسى مەزمۇنلارنى نۇقتىلىق ياخشى سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى خۇشاللىق بىلەن ئاڭلاش، ئاڭلاپ چۈشىنىش، ئەستە چىڭ ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى شىمالىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كادىرى ئالىيە داۋۇت تەقەززالىق بىلەن سوئال سوراپ.

  «مەھەللىدە لېكسىيە سۆزلەش ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا يۈزلەنگەن، بىز پارتىيە تارىخىنىڭ قان تومۇرى، چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر، شەخسلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شۇ جايدىكى قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ لېكسىيە سۆزلىشىمىز كېرەك، ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ناھايىتى ياخشى قىزىل بايلىق.» چۈ چىڭشەن مۇنداق دېدى: «چوقۇم قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ھېكايىلىرى، قەھرىمان، نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەنىۋى كۈچنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك».

  «مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى بىزگە بىر قېتىملىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە جانلىق دەرس ئۆتتى، مېنىڭ نۇرغۇن گۇمانىي سوئاللىرىمغا جاۋاب بەردى، بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدىم.» ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى شىمالىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ياشلار يولى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما شۆ لېكسىيەنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلاندى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيە تارىخىدىن ئوزۇق ئېلىپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن ناملىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۆپچىلىكنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن».

  ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، ئۇلارنى قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلدۇرۇش كېرەك. ئارقىدىن، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ سىفەن داشۆ(ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونى) ماركسىزم شۆيۈەنىگە كېلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇردى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىرلىكتە شىنجاڭ سىفەن داشۆنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بازىسى ھەم ماركسىزم نەزەرىيەسى تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سۈرەت - يېزىق، يېڭى تېخنىكىنى ئالماشتۇرۇپ قوللىنىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ شانلىق مۇساپىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى قاتارلىقلارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

  «ساۋاقداشلار، جۇڭگو ئىنقىلابى جېجياڭ جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى بىر قىزىل كېمىدە يېڭى سەھىپە ئاچقان، ھازىر بىز بىرلىكتە بۇ بىر بۆلەك پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى». تەقلىدىي ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى بويىچە ھېس قىلىش ئوقۇتۇش مەركىزىدە، ئوقۇغۇچىلار VR كۆزەينىكى تاقاپ، چۆكتۈرۈش شەكلىدىكى، ھەمتۈرتكە خاراكتېرىدىكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش بويىچە بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، تارىخ يۆگىمە رەسىمىنى قايتىدىن جانلاندۇردى.

  ئېكسكۇرسىيە ئارىلىقىدا، شىنجاڭ سىفەن داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تەتقىقات كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئارما روسۇلجان چۈ چىڭشەنگە كۆڭلىدىكى ئويىنى ئىپادىلەپ: «بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇڭا مەن ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسى يۆنىلىشىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشى تەتقىقاتىنى تاللىدىم، يەنە سىز تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنىدا تىلغا ئالغان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقان <بار - يوقنى تەڭ كۆرۈش> دېگەن سۆزنى ئىلمىي ماقالەمگە كىرگۈزدۈم» دېدى. چۈ چىڭشەن كۈلۈپ تۇرۇپ باش لىڭشىتقان ھالدا جاۋاب قايتۇردى ھەم نەق مەيداندىكى ياشلارنى تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئىدىيەگە سىڭدۈرۈش، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  كېيىنكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، شىنجاڭ سىفەن داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پەرمان پەرھات مۇنداق سوئال سورىدى: «دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى»نىڭ قانداق ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

  «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىزنىڭ خىزمەتلەرنى پىلانلاشتىكى ئاساسىي چىقىش نۇقتىمىز، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 نەچچە يىللىق ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى». چۈ چىڭشەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى، جۇڭگو دۇنياغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، دۇنيا جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ...

  پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، چۈ چىڭشەن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋابلار» ئوقۇشلۇقىنى سوۋغا قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ ۋە مەسئۇلىيەت، بۇرچنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شىنجاڭ سىفەن داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ سۆھبەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، يېڭى ئويغا كەلدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيىدىغان، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرىمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ