مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىزىل بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاشقا مەستانە بولغان 80 ياشلىق ياشانغان كىشى

2021.03.22 12:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «قاراڭ، بۇلار يېقىندا توپلىغان ماتېرىياللار.» 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى خوڭشىڭ جەنۇبىي يولىدىكى جاڭ بىڭيىڭنىڭ ئۆيىدە، 82 ياشلىق ئۇ يىغىپ ساقلاش ئىشكاپىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ، قېلىن بىر دۆۋە خەت - چەكلەر ئارىسىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن شەھىرى گۇتيەن يىغىنى خاتىرە سارىيى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرى نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدىن ئەۋەتىلگەن ئىككى پارچە ماتېرىيالنى ئېلىپ، قوشنىسى ھاۋاخان ھوشۇر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

  «مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا ئۈندەپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكچىمەن.» قوشنىسى ھاۋاخاننىڭ سوئالىغا جاڭ بىڭيىڭ قەتئىيلىك بىلەن شۇنداق جاۋاب بەردى.

  جاڭ بىڭيىڭ پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، نېمە ئۈچۈن بۇلارنى يىغىپ ساقلايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، ياشانغان كىشى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. 1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، قومۇلدا توپىلاڭچى ئەسكەرلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان مەركىزىي بانكىنىڭ قومۇل شۆبە بانكىسىدىكى ئالتۇننى بۇلاش پەۋقۇلئاددە زور دېلوسى يۈزبەرگەن، يەنى شۇ كۈنى جاڭ بىڭيىڭنىڭ ئۆيىگە گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئوت قويۇۋەتكەن. شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئازادلىق ئارمىيە قومۇلغا كىرىپ، ئاممىغا ئاساسىي تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىپ بەرگەن، گۆدەك جاڭ بىڭيىڭ پاختىلىق چاپان ۋە چۆگۈنگە ئېرىشكەن، بۇ مېھىر - شەپقەتنى ئۇ ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىدى.

  ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، جاڭ بىڭيىڭنىڭ قەلبىگە قىزىل ئۇرۇق چېچىلدى. 1965 - يىلىنىڭ بېشىدا، جاڭ بىڭيىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 33 ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ ئەينى چاغدا ھەرقايسى جايلاردىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقلىرىنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ تەكشى ئەمەسلىكىنى، نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى.

  «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، مېنىڭ يىغىپ ساقلاش بىلەن شۇغۇللىنىشىمنىڭ ئەھمىيىتى يىغىپ ساقلاش جەريانىدا پارتىيە تارىخى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا.» 1974 - يىلىدىن باشلاپ، جاڭ بىڭيىڭ پۇرسەت بولسىلا شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقلىرى ۋە خاتىرە سارايلىرىغا بېرىپ ماتېرىيال توپلىدى، كېيىن يېشى چوڭىيىپ قالغاندا، پوچتىدىن خەت - چەك ئەۋەتىش شەكلى ئارقىلىق توپلىدى.

  «ھەربىر پارچە جاۋاب خەت تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇ خۇددى گۆھەرگە ئېرىشكەندەك خۇشال بولۇپ كېتەتتى» دېدى جاڭ بىڭيىڭنىڭ خوتۇنى جياڭ گۈيلەن. ھازىرغىچە، جاڭ بىڭيىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خاتىرە سارايلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقلىرىغا 5000 پارچىدىن ئارتۇق خەت ئەۋەتتى. جاڭ بىڭيىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن قىزىل بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاشقا تېخىمۇ باشچىلاپ كىرىپ كەتتى. بالىلىرى، نەۋرىلىرىمۇ ئۇنىڭ تەسىرىدە ماتېرىيال توپلاشقا ياردەملەشتى، ھەر قېتىم خاتىرە سارىيى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بارغاندا، ئۇلار ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولدى.

  40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ قىزغىنلىقى ئەزەلدىن سۇسلاپ قالمىدى، يەنە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ نۇرغۇن قېتىم قىزىل بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، قىزىل تەربىيە ئارقىلىق كېيىنكىلەرنى تارىخنى ئۇنتۇماي، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

  «جاڭ مۇئەللىم يىغىپ ساقلىغان ھەربىر قىزىل ماتېرىيال ماڭا تەسىر قىلدى، ئۇنىڭ روھى مېنى قايىل قىلدى.» يىغىپ ساقلاش سەۋەبلىك تونۇشقان يېقىن دوستى مېڭ چۇەنبىن ئاقسۇدىن قومۇلغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇ جاڭ بىڭيىڭغا ياردەملىشىپ «يېڭى دەۋر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى خاتىرە قوللانمىسى»دىن 60نى سېتىۋالدى. ئەسلىدە، جاڭ بىڭيىڭ كىتاب ھەدىيە قىلىش شەكلى ئارقىلىق، قىزىل تەربىيەنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يەتكۈزمەكچى بولغانىدى.

  2011 - يىلىدىن باشلاپ، جاڭ بىڭيىڭ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 160 پارچىدىن ئارتۇق مەزمۇنى تەپسىلىي، ئېنىق، رەسىم بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن پارتىيە تارىخى، ئىنقىلاب تارىخى كۆرگەزمە تاختىسى ياساپ، مەھەللە، مەكتەپ، قىسىم قاتارلىق جايلاردا كۆرگەزمە قىلدى. «بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلدى، مەن ئۆزۈم يىغىپ ساقلىغان قىزىل بۇيۇملارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇنىڭدىن مول مەنىۋى ئوزۇققا ئېرىشتۈرىمەن» دېدى جاڭ بىڭيىڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ