مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.03.18 12:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرى 1- قېتىملىق سىن يىغىنى ئېچىلدى

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرى 1 - قېتىملىق سىن يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى تولۇق سەپلەپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆرۈنمە ھالەتتىكى دەرسلىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنى مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش، سۆھبەتلىشىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى»نى تەشكىللەپ ئېچىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك؛ سەييارە يېتەكچىلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە تۈرنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ساختىلىق قىلماسلىق، ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىشچان بولماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنى كۆزلەيدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ