مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قىزىل كىچىك ئۆي» قىزىل ئەسلىمىگە ۋارىسلىق قىلدى

2021.03.18 12:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىزناكلار، سۈرەتلەر، سارغىيىپ كەتكەن ھۆججەتلەر... دەۋر تامغىسى بېسىلغان بۇ تۈرلۈك تەشۋىقات سۈرەتلىرى مامۇت قادىر ئائىلىسىدىكى «قىزىل كىچىك ئۆي»گە رەتلىك تىزىلغانىدى.

  «قىزىل كىچىك ئۆي»گە كىرگەن ساياھەتچىلەر يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملارنى تەپسىلىي كۆرگەندە ياكى سىلىغاندا، ئۆزىنى خۇددى ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللاردا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.

  «<قىزىل كىچىك ئۆي> ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى.» 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسى تۈمەنتال كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەريەم ئابلىز مۇنداق دېدى: «<قىزىل كىچىك ئۆي> چوڭ بولمىسىمۇ، يىراق - يېقىنغا داڭلىق».

  «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن، ئادەمدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك، شۇڭا مەن يىغىپ ساقلىغان قىزىل بۇيۇملىرىمنى نامايان قىلىشنى ئويلىدىم.» يىغىپ ساقلاش ئادىتى بار مامۇت ئون يېشىدىن باشلاپلا قىزىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىپ ساقلاشقا باشلىغان بولۇپ، 54 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىزنىكىدىن 273نى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىتىدىن 99نى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ سۈرىتىدىن 250نى، قىزىل كىتابتىن 70نى يىغىپ ساقلىغان.

  «بۇ ياشانغان كىشىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، پېشقەدەملەرنىڭ كۈرەش ئىزلىرىنى ياد ئەتتىم. سۈرەتلەر، ماددىي بۇيۇملار، ھېكايىلەر مېنى ئىدىيە ۋە روھىي جەھەتتىن بىر قېتىملىق چوڭقۇر تاۋلىنىشقا ئىگە قىلدى» دېدى ئەمدىلا «قىزىل كىچىك ئۆي»دىن چىققان كەنت ئاھالىسى ئاماننىسا ئەمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

  «بەختلىك تۇرمۇش تەستە قولغا كەلگەن.» ئىلگىرى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە مامۇت تۈمەنتال كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇ «قىزىل كىچىك ئۆي» قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلىسىدىكى 40 كىۋادرات مېتىرلىق بىر ئۆيدە قىزىل مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇپ، يىغىپ ساقلىغان قىزىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆيگە رەتلىك تىزىپ قويدى.

  «ئەينى چاغدا <قىزىل كىچىك ئۆي>نى قۇرۇشتىكى مەقسىتىم تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قىزىل تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىدى، ھازىر ئېكسكۇرسىيەچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، گەرچە چارچىساممۇ، كۆڭلۈم ناھايىتى خۇشال.» كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا تۇرۇپ، مامۇت تەمكىن قىياپەتتە مۇنداق دېدى: «بىر ئادەم ئېكسكۇرسىيەگە كەلسىمۇ، مەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن چۈشەندۈرىمەن!»

  مامۇتنىڭ بۇ «قىزىل كىچىك ئۆي»ىنى قىزىل بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئېكسكۇرسىيە قىلىش لىنىيەسى خەرىتىسىنى پىلانلاپ لايىھەلەپ، قىزىل ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىش ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە تۈرتكە بولدى.

  64 ياشلىق مامۇتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ساقلانغان بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى يىللارنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىزىل ھېسسىياتىنى ئىزاھلاپ تۇراتتى. ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزگىچە قىزىل ئەسلىمە كۆپچىلىككە بىر قېتىملىق جانلىق ۋە تەسىرلىك، مەنىسى چوڭقۇر، مول ھوسۇللۇق پارتىيە دەرسى بولدى.

  تارىخىي ھېكايىلەرگە قۇلاق سېلىپ، قەلبنىڭ تاۋلىنىشىنى قوبۇل قىلىش. مامۇتنىڭ «قىزىل كىچىك ئۆي»ى كەنتتىكى پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئوقۇغۇچىلار دائىم كېلىدىغان جاي بولۇپ قالدى.

  «<قىزىل كىچىك ئۆي> تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قىزىل تارىخنى چۈشەندۈردى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدۇردى، بۇنىڭدىن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى جاسارەت ۋە كۈچنى قوبۇل قىلغۇزدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن تۈمەنتال كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ۋاڭ شۆفېڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ