شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىنىي زاتلار مەخسۇس مەيدان شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

2021.03.11 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى دىنىي زاتلار مەخسۇس مەيدان شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئانايىت، ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشىر قىلىش پىلانى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابلەت ھەسەن ھەمدە قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى ئابلىمىت، ئالتاي شەھىرى خۇڭدۆڭ بازىرى كۆكساز كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاسىلقان نازىرخان، ئىلى ئوبلاستى غۇلجا شەھەرلىك شەنشى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى ما جىروڭ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى بايقۇرۇت يېزىسى قىزىل ئاغىن كەنتى يېڭى ئاقيار جۈمە مەسچىتىنىڭ خاتىپى مەمتىمىن مەمەترۇزى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق تىنچلىق مەسچىتىنىڭ ئىمامى تاشتۆمۈر قادىر، خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسى توپچا مەسچىتىنىڭ ئىمامى لۇتپۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق دىنىي زاتلار مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرى مۇنداق سورىدى: چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنى مەجبۇرىي چاقتى»، «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي سورۇنلىرىنى ۋەيران قىلدى»، دېدى. بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟

  شۈ گۇيشياڭ: بۇ مەسىلىگە قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى ئابلىمىتنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.

  ئابدۇۋەلى ئابلىمىت مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇۋەلى ئابلىمىت، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، يەكەن بازىرى ئالتۇن مەسچىتىنىڭ خاتىپى.

  مەن ئەزەلدىن شىنجاڭدا مەسچىتلەرنى مەجبۇرىي چېقىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئىگىلىشىمچە، شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى 20-ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن سېلىنغان، بۇ مەسچىتلەرنىڭ بەزىلىرى ئەسلىدە كېسەك ئۆي، بەزىلىرى بەكلا تار، بەزىلىرى خەتەرلىك ئۆي بولۇپ قالغان، بوران چىقىپ، يامغۇر يېغىپ قالسا، دىنىي پائالىيەتلەرنى نورمال قانات يايدۇرغىلى بولمىغان، يەر تەۋرىگەندە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى مەسچىتلەرنىڭ جايلىشىشى مۇۋاپىق ئەمەس، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا قولايسىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ تېزلىشىشى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇراجىئەت قىلىشى ۋە ئىلتىماس قىلىشىغا ئاساسەن، شەھەرلەردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن يېڭىدىن سېلىش، كۆچۈرۈش، كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق مەسچىتلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆي مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلدى، مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىمۇ بىخەتەر، جايلىشىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولدى. ھازىر شىنجاڭدىكى مەسچىتلەر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.

  باشقا مەسچىتلەرگە ئوخشاش، مەن تۇرۇشلۇق ئالتۇن مەسچىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تارقاتقان «يەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى»، «ئۆي-زېمىن ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»، «دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» بار بولۇپ، تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. بۇ مەسچىت ھازىرغا قەدەر 480 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2600 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، مەسچىتتە 300 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدۇ. 2006- يىلى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، دۆلەت يەنە مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ رېمونت قىلدۇردى ۋە قوغدىدى. ھازىر مەسچىتنىڭ ئىچى ئازادە، يورۇق، پاكىز، رەتلىك، مۇھىتى گۈزەل، شارائىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئەتراپتىكى مۇسۇلمان ئاممىغا زور قولايلىق يارىتىپ بەردى، كۆپچىلىك ئىنتايىن رازى بولدى.

  (مەنبەنى بېسىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ