شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

2021.03.04 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەت، ئۈمىد ۋە مۇھىم تاپشۇرۇق بىلەن 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى 56 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ 21 نەپەر، ئۇيغۇر 22 نەپەر، قازاق بەش نەپەر، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، شىبە، ئۆزبېك، رۇس، تاتار بىر نەپەردىن؛ جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەزاسى 45 نەپەر؛ ئايال ۋەكىللەر 13 نەپەر.

  ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدۇ، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي تۈردە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ