مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 4-شىسى كۆكدالا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى ياڭ گويى پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2021.02.20 20:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بىڭتۈەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا 4-شى كۆكدالا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭ ياڭ گويىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ياڭ گويى غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچىدىن ۋاز كېچىپ، پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولماي، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن قارشىلاشقان؛ تەشكىلىي ئېڭى سۇس بولۇپ، شەخسىي ئالاقىدار ئىشلارنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئۆزى قارار قىلغان؛ ئىنتىزام-قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىنى قولدىن بېرىپ قويغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، پۇل قوبۇل قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىدىن قەرز ئېلىپ، كۆپ سوممىلىق نەپكە ئېرىشكەن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پايدا ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مائاش، مۇكاپات پۇلى ئالغان؛ ئىستىلدا لەيلەپ قېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان؛ كارخانىغا تايىنىپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، قۇرۇلۇش پۇلىنى راسچوت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەمدە قانۇنسىز ھالدا نۇرغۇن پۇل-مال ئالغان.

  ياڭ گويى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بىڭتۈەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ياڭ گويىغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئۇنىڭ 4-شى كۆكدالا شەھىرى 11-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلدى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەر تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق پۇل-مال قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ياڭ گويىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ياڭ گويى، ئەر، خەنزۇ، 1961-يىل 10-ئايدا تۇغۇلغان، سەنشى ۋۇجەيدىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1981-يىل 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987-يىل 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي ئىنژېنېر.

  1981-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 4-شىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زاۋۇتىدا تېخنىك بولغان؛

  1988-يىلى 9-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1990-يىلى 7-ئايدىن 1990-يىلى 10-ئايغىچە تەقسىماتنى كۈتۈپ تۇرغان؛

  1990-يىلى 10-ئايدىن 1997-يىلى 4-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 4-شىسى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛

  1997-يىلى 4-ئايدىن 1997-يىلى 11-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 4-شىسى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛

  1997-يىلى 11-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 4-شىسى 73-تۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تۇەنجاڭ، نەنگاڭ سېمونت زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  2001-يىلى 7-ئايدىن 2003-يىلى 2-ئايغىچە ئىلى نەنگاڭ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى بولغان؛

  2003-يىلى 2-ئايدىن 2011-يىلى 9-ئايغىچە ئىلى نەنگاڭ گۇرۇھى شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش مۇدىرى، قوشۇمچە يىلىتې گۇرۇھى شىركىتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان (باشقارما دەرىجىلىك)؛

  2011-يىلى 9-ئايدىن 2012-يىلى 4-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 4-شىسى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى، قوشۇمچە ئىلى نەنگاڭ گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان؛

  2012-يىلى 4-ئايدىن 2013-يىلى 12-ئايغىچە 4-شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بىڭتۈەن شۆبە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  2013-يىلى 12-ئايدىن 2015-يىلى 4-ئايغىچە 4-شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان؛

  2015-يىلى 4-ئايدىن 2020-يىلى 2-ئايغىچە 4-شى كۆكدالا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 4-شىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان؛

  2020-يىلى 2-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

  (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ