مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا 2021-يىلى توققۇز تاشيول تۈرىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2021.02.20 19:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ 2021-يىللىق شىنجاڭ تاشيول تۈرى قۇرۇلۇشىنى 1-قېتىم ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا 2021-يىلى توققۇز تاشيول تۈرى يېڭىدىن قۇرۇلىدىكەن، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلاش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈرلەر: G3003 ئۈرۈمچى شەھىرى ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە) قۇرۇلۇشى، G218 لىنىيەسىنىڭ ناراتتىن بالغۇنتايغىچە بولغان قىسمى، G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن بۇرچىنغىچە بولغان قىسمى، G331 لىنىيەسىنىڭ بۇرچىندىن قاباغىچە بولغان قىسمى، G580 لىنىيەسىنىڭ ئاقسۇدىن ئاۋاتقىچە بولغان قىسمى، سانجىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى نەنسەنگە يانداش تاشيولنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، «تۈر مەبلىغىنى ساقلاش» نىشانى بويىچە، 15 تەييارلىق تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن دەرھال ئىش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىش باشلاشقا تېگىشلىكلىرىدە تېزدىن ئىش باشلاش، ئىش باشلاشقا بولىدىغانلىرىدا تېزدىن ئىش باشلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ