پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خاتىرجەملىكنى قوغدايمىز

2021.01.07 20:12 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا ئالاقىدار ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى، شۇنداقلا 35-قېتىملىق مەملىكەتلىك 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەشۋىقات كۈنى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى يېقىندا «پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان 110، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى مۇساپە» تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ساقچىغا مەلۇم قىلىش ۋە ياردەم سوراش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كىشىلەرگە تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ