شىنجاڭ ئۇلۇڭگۈر كۆلىدە «قىشلىق بېلىق تۇتۇش پەسلى» كۈتۈۋېلىندى

2020.12.28 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، بېلىقچىلار ئۇلۇڭگۈر كۆلىدە تور تاشلاشقا تەييارلانماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇڭگۈر كۆلى ھەر يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرىدا «قىشلىق بېلىق تۇتۇش پەسلى»گە كىرىدۇ. ئۇلۇڭگۈر كۆلى جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى، قىش پەسلىدە مۇز ئۈستىدە چوڭ تور تارتىپ بېلىق تۇتۇش ئۇلۇڭگۈر كۆلىنىڭ ئەنئەنىۋى بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سائادەت فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ