شىنجاڭدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى

2020.11.16 18:04 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى نان ياقماقتا (10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان چىقىرىپ، يەكەن ناھىيەسى قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئەڭ ئاخىرقى 10 ناھىيەنىڭ باھالاش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق نامرات ناھىيەلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىش ئۆلچىمى ۋە شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكىنى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ تەرتىپىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى 32 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىنىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

  بۇ قېتىم شىنجاڭدا ئېلان قىلىنىپ، نامرات ناھىيەلەر تەرتىپىدىن چېكىنىپ چىققان 10 ناھىيەنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بولۇپ، بۇلار قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن، قاغىلىق، پەيزاۋات، يېڭىسار ناھىيەلىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش، گۇما، لوپ، كېرىيە ناھىيەلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىن ئىبارەت. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ