مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەشقەردە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن ئىككىسى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 116سى يېڭىدىن كۆپەيدى

2020.11.04 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 8-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىجياڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  11-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24تىن 11-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 20دىن 30 مىنۇتقىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى ئىككى بولۇپ، ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىغا ئايلانغۇچىلار؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 116 بولۇپ، ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغۇچىلار، ھەممىسى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى بىلەن باغلىنىشلىق.

  11-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 64، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 330 نەپەر.

  ۋاڭ شىجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغۇچە بەلگىلىك ۋاقىت ئارىلىقى بولىدۇ، پۈتۈن رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش سالمىقى ۋە قېتىم سانىنى يەنىمۇ زورايتىپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 18دە 3-قېتىملىق بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى تولۇق تاماملىدى، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملار ئىچىدە كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى بىلەن باغلىنىشلىق 116 كىشى مۇسبەت چىققاندىن باشقا، قالغانلارنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ