مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ 2-قېتىملىق بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشىدە 14 كىشى مۇسبەت چىقتى

ھەممىسى ئايرىپ كۆزىتىلگەن خادىملار

2020.10.30 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 5-مەيدان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىجياڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كوناشەھەر ناھىيەسى 2-قېتىم بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈردى. سائەت 19غىچە، 14 كىشى مۇسبەت چىقىپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىقتى. بۇ قېتىمقى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلارنىڭ 13ى كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىدىن، بىرسى ئوغۇساق بازىرىدىن بولۇپ، ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان كىشىلەر، زەمىن يېزىسى 3-كەنتىدىكى زاۋۇت بىلەن باغلىنىشلىق.

  ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇ داۋالاش-قۇتقۇزۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24كىچە، نۇقتىدا بەلگىلەنگەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقتىن 45 (ئېغىر تىپتىكى ئۈچى)نى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 138نى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ