مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ قەشقەردە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ئېھتىماللىقى ئاساسىي جەھەتتىن ساقىت قىلىندى

2020.10.29 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ھەققىدە 4-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىجياڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى: 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش يولغا قويۇلدى، ئۈچ كۈن كېچە-كۈندۈز توختىماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 17گىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تاماملىنىپ، دوكلات قىلىنغان مۇسبەت چىققان 183 كىشىدىن سىرت، قالغانلارنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىقتى. ھازىر يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ئېھتىماللىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ.

  10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 24كىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 22سى بولۇپ، ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىغا ئايلانغانلار، ھازىر ھەممىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئادەتتىكى تىپتىكى ئاغرىقلىرى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 161 بولۇپ، ھەممىسى كوناشەھەر ناھىيەسىدە دوكلات قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ