شىنجاڭ خوتەندە باقمىچىلىق كەسپى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى

2020.09.21 18:51 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ چىرا ناھىيەسىدىكى بىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق شىركىتىنىڭ توشقان بېقىش بازىسىدا، بىر باقمىچى توشقانلارغا يەم بەرمەكتە (9-ئاينىڭ 19- كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېغىر نامرات رايون. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت قىلدى. لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى قاتارلىق جايلار كەسىپ تەرەققىيات پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ئۆزگىچە باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ كۆلەملىك باقمىچىلىق تىجارىتىنى تايانچ قىلىپ، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، پايدا تەقسىملەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ