ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «قاناس» ناملىق ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ئۇچتى

2020.09.16 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ئاينىڭ 15-كۈنى ئايروپىلان خادىملىرى ھەر بىر يولۇچىغا «قاناس» ناملىق ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشىنى خاتىرىلەش ئاتكرىتكىسى تارقاتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يولغا قويغان «قاناس» ناملىق سىرلاپ بېزەلگەن ئايروپىلان ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي نامايان بولدى ھەمدە ئالتاي ۋىلايىتى قاناس ئايرودۇرۇمىغا تۇنجى قېتىم قاتنىدى.

  «قاناس» ناملىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچىلار ئايلانما ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى ھەمدە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «ئاۋىياتسىيە + ساياھەت» ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ