شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدە ناۋايلىق كەسپى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشماقتا

2020.09.14 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر خىزمەتچى توردىكى زاكازلارنى بىر تەرەپ قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى شىنجاڭدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت نانچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  نۆۋەتتە، پەيزاۋات ناھىيەلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتىدىن تارتىپ ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە بولغان كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، توردا ۋە تور سىرتىدا ناننىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى كۈنىگە 300 مىڭغا يەتتى، شۇ جايدىكى 1200 يەرلىك ئاھالە بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالە 696 نەپەر. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما كەي فوتوسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ