مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدا قاتناش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى قاتناش 25 شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلدى

2020.09.11 15:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاقسۇنىڭ كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پائال يېتەكلەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، جەمئىي 25 قاتناش نۇقتىسىنى تۇتاشتۇرغان.

  9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدا CA8308 ئاقسۇ-بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى: سائەت 12:15تە ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، سائەت 16:15تە بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچىدۇ. ھازىر، ئاقسۇدىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلدى.

  ھازىر، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدا ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، بورتالا، كۇچا، غۇلجا، تۇمشۇق، شىخەنزە، يەكەن، كورلا، تۇرپان، ئالتاي، قاراماي، كۆكتوقاي، چۆچەكتىن ئىبارەت شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان 15 شەھەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، شۇنداقلا چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، جېڭجۇ، خاڭجۇ، شىئەن، چىڭداۋ، لەنجۇ، بېيجىڭ، شىنىڭ، تيەنجىندىن ئىبارەت شىنجاڭ سىرتى ئون شەھەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ھېس قىلىشىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ قولىنى دېزىنفېكسىيەلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئايرودۇرۇمنى ھاۋا ئالماشتۇرۇپ دېزىنفېكسىيەلەش، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي مۇداپىئەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلام، بىخەتەر سەپەرگە چىقىش مۇھىتى ياراتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ