مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يەنخۇ، شياۋساۋخۇ ھەق ئېلىش پونكىتىنى چېقىش سەۋەبلىك قاتناش لىنىيەسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ

2020.09.11 15:16 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى (تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن جەنۇبىي لىنىيەسى)دىكى «تۆت ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنى سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىغا ئۆزگەرتىش» كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەسىرىدە، G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ يەنخۇ ھەق ئېلىش پونكىتى، شياۋساۋخۇ ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋە 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يول يۈرۈش لىنىيەسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، كەڭ شوپۇرلار دىققەت قىلىشى كېرەك.

  9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسىي لىنىيەسىدىكى يەنخۇ ھەق ئېلىش پونكىتى چېقىلىپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ.

  قۇرۇلۇشنىڭ 1-باسقۇچىدا، 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، يەنخۇ ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى ئالتە ھەق ئېلىش يولى ۋە يۈرۈشلەشكەن ھەق ئېلىش لاپىسى چۇۋۇۋېتىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرىدىغان يوللاردا تاق يۆنىلىشلىك قاتناشنى باشقۇرۇش، ئېقىمنى بۆلۈش يولغا قويۇلىدۇ، شوپۇرلار G312 دۆلەت يولى لىنىيەسىدە يەتتە كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا قايتىپ مېڭىشى كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن چىقىش يۆنىلىشىدىكى يولدا قاتناش لىنىيەسى ئۆزگەرمەيدۇ، لېكىن ئەسلىدىكى ئۈچ ئاپتوموبىل يولى ئوڭ ياندىكى ئىككى ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىلىدۇ.

  قۇرۇلۇشنىڭ 2-باسقۇچىدا، 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، يەنخۇ ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ يول يۈزىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرىدىغان يۆنىلىشتە ماڭغان ئاپتوموبىللار قۇرۇلۇش يول بۆلىكىدىن ئۆتۈشتە دۆلەت يولىدا 19 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن، 3537 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى (شۆگەي)دىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا قايتىپ نورمال يۈرسە بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن يولغا چىققان ئاپتوموبىللار ئوڭ ياندىكى ئىككى ئاپتوموبىل يولى بويىچە تاكى بۇ يول بۆلىكىدە قۇرۇلۇش ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملىق يۈرسە بولىدۇ.

  9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، شياۋساۋخۇ ھەق ئېلىش پونكىتى چېقىلىپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇرپان شەھىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار شياۋساۋخۇ مۇلازىمەت رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن دۆلەت يولى G312 لىنىيەسىگە كىرىپ، بىر كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا قايتىپ ماڭسا بولىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن تۇرپان شەھىرىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار ئەسلىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ئوڭ يېنىدىكى ۋاقىتلىق يان يولدا ماڭسا بولىدۇ، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، سەككىز ئاپتوموبىل يولىنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاپتوموبىللار قۇرۇلۇش بۆلىكىدىن ئۆتكەندە، شوپۇرلار دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشى، بىخەستەلىك قىلماسلىقى، قۇرۇلۇش قىلىش بەلگىسى بويىچە يول يۈرۈشى، سۈرئەتنى كونترول قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوموبىللار قاتناش يۆنىلىشىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن دۆلەت يولىغا ئۆزگەرتكەندە، سۈرئەتنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاستىلىتىپ، ئاپتوموبىللارغا ئەگىشىش ئارىلىقىنى ياخشى كونترول قىلىپ، كەينىدىن كېلىپ سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ