مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى شوخلا پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

2020.09.11 15:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سانائەت شوخلىسىدىن مول ھوسۇل ئالدى، قانداق قىلغاندا شوخلا تېرىقچىلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ھەم كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا دېھقانلارنىڭ بىر يىللىق جاپاسىنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بايىنغولىن ئوبلاستى شوخلىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەھسۇلات مىقدارى ئاشقان شوخلىنى سېتىپ چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ نەپكە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى شوخلا پىششىقلاش كارخانىلىرى كەينى-كەينىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 14 شوخلا پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  خوشۇت ناھىيەسى گوجۇڭ يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شۇ جايدىكى دېھقانلاردىن 15 مىڭ توننا شوخلا سېتىۋېلىپ، 2000 توننا شوخلا قىيامى پىششىقلاپ ئىشلىدى؛

  شىنجاڭ خوشۇت دىڭدىڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى شۇ جايدىكى دېھقانلاردىن 17 مىڭ 500 توننا شوخلا سېتىۋېلىپ، 2500 توننا شوخلا قىيامى ئىشلەپچىقاردى؛

  خېجىڭ رۇيخى شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى شۇ جايدىكى دېھقانلاردىن 15 مىڭ توننا شوخلا سېتىۋېلىپ، 2700 توننا شوخلا قىيامى پىششىقلاپ ئىشلىدى؛

  .....

  مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ھەر توننا سانائەت شوخلىسىنىڭ بازاردىكى ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش باھاسى 400 يۈەن، پۈتۈن ئوبلاستتا تېرىلغان سانائەت شوخلىسىنىڭ كۆلىمى 131 مىڭ 100 مو، مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون توننا بولۇپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرام (ھەر مو يەردىن 200 يۈەن ئەتراپىدا) ئاشقان. دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى بىر قولدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى، يەنە بىر قولدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  خېجىڭ رۇيخې شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ مەشغۇلات قىلىۋاتقان، ئالدىراش ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى نامايان بولدى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تاڭ شيەنچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە كىلوگىرام شوخلىدىن بىر كىلوگىرام شوخلا قىيامى پىششىقلاپ ئىشلىگىلى بولىدۇ، شىركەت 40 مىڭ توننا شوخلا سېتىۋېلىپ، 7000 توننىدىن ئارتۇق شوخلا قىيامى پىششىقلاشنى پىلانلىدى. شىركەت بىر تەرەپتىن سېتىش زاكازلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىلغان شوخلىنى سېتىپ چىقاردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن يىل بېشىدا توختام ئىمزالىغان دېھقانلاردىن شوخلا سېتىۋېلىشنى تېزلەتتى.

  خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرى سەيگەنبۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى باۋ جيەنشۆ بۇ يىل 830 مو يەرگە شوخلا تېرىغانىدى، ئۇ خېجىڭ رۇيخې شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن 6400 توننا سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان، توختام باھاسى بويىچە ساتقاندىن كېيىن، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان.

  يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭ خوشۇت دىڭدىڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، زاكازنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن كۈچى بىلەن شوخلا قىيامى پىششىقلاش ئاساسىدا، باشلامچى كارخانىلارنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دېھقانلاردىن توننىسىنى 440 يۈەندىن شوخلا سېتىۋالدى.

  بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سانائەت شوخلىسىنىڭ %95تىن كۆپرەكى شوخلا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىدا شوخلا قىيامى، لىكوپېن قاتارلىق بىر قاتار مەھسۇلات قىلىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن سېتىلىدۇ. دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ «مۇھىم تۇتقا»سىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرى قانچە ئۇزۇن، پىششىقلاش قانچە ئىنچىكە بولسا، قوشۇلما قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ كونا-يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ھەم كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ