شىنجاڭنىڭ بۇ جايلىرىدا بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18 بولىدۇ
2020.09.11 15:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
9-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17:22دە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كېچىدىن 9-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 5-6 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى شامال كۈچى سەككىز بال ئەتراپىدا بولىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10-11 بال بولىدىكەن؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 5-6 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قۇم بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭدا شىخەنزە شەھىرى، كۇيتۈن شەھىرىدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاقسۇ شەھىرىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.
بۈگۈن 8~9 بال قىيپاش شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭ-داخېيەن بۆلىكى، چىقتىم-لياۋدۇن بۆلىكى بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ