مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى مۇشۇ يىل ئىچىدە 26 ساياھەت مەخسۇس پويىزى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، تۇنجى مەخسۇس پويىز 9-ئاينىڭ 11-كۈنى قاتنايدىكەن.
«بىز تۆمۈريول ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ساياھەت مەخسۇس پويىزى مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەپ بازارغا سېلىپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولدۇق.» دېدى، شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن، يولغا قويۇش پىلانلانغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى ھەپتە ئاخىرىدىكى ساياھەتنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىقى شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، شىندوڭفاڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تېز پويىزى، مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان شەرقىي شىنجاڭ، دۇنخۇاڭدا ئۇچرىشىش ۋە شىنجاڭدىن چىقىدىغان مەخسۇس پويىز قاتارلىقلار يولغا قويۇلىدۇ.
خۇاڭ تىڭفېن مۇنداق دېدى: مەخسۇس پويىز لىنىيەسىنى لايىھەلەشتە ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجى تولۇق ئويلىشىلىدۇ. بىرىنچى، ۋىلايەت، ئوبلاست ھالقىغان يۆتكىلىشتە، قومۇل، ئۈرۈمچى رايونىدىكى ساياھەتچىلەر ئالتاي يۆلىنىشتە ئېلىپ مېڭىلىدۇ؛ ئىككىنچى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ يۆتكىلىشىدە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ ھەمتۈرتكىلىك ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئۆلكە ھالقىغان يۆتكىلىشتە، شىنجاڭ پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىن چىقىدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى سېلىپ، شىنجاڭلىقلار مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرغۇزۇپ شىنجاڭدىن چىقىدىغان ساياھەتكە چىقىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ھەرقايسى ساياھەت كارخانىلىرىغا قارىتا ياتاق، تاماق قاتارلىق كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ. ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ تازىلىقى، پاكىزلىقنى ساقلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ۋاگونلارنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، پۈتۈن مۇساپىلىك تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلار قىزىپ، يۆتىلىپ قېلىش قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا قارىتا، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ