مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2020.09.11 15:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، 2020 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ تەلتۆكۈس بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلاپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قالتىس مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئىلمىي يىغىنچاقلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم تەپەككۇر ئىلھاملىرىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇش، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، پەۋقۇلئاددە زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى پائال ئورنىتىش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نىشانلاپ ۋە ئاجىز ھالقىلاردا كۈچنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېغىر نامراتلىق ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىنى قەتئىي بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. قىلچە بوشاشماي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت - سودىنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئىمپورتىنى سىجىل كېڭەيتىپ، رەقەملەشكەن، تورلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى بايراملىق تەبرىكلىگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى. شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ