مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2020.09.11 15:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئائىلە، مەھەللە، ئاپپاراتلار <ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان> كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش شەكلى قوللىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە ئۈچ ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدا ماس قەدەمدە باش تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توپى قۇرۇلۇپ، يىغىندا ۋە يىغىن سىرتىدا ھەمتۈرتكىلىك كېڭىشىدىغان، توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى. يىغىنغا قاتناشقان سەككىز ۋەكىل كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئائىلە، مەھەللە ۋە ئاپپاراتلارنىڭ كۈتۈنۈش تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش شارائىتىدا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەقىل - چارە كۆرسەتتى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. بەزى ئەزالار مەھەللە ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىياسىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇناسىپ ئۆلچەم ۋە مۇلازىمەت قېلىپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش؛ بىر تۈركۈم مەھەللە ئائىلىدە داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىنى مەركەزلىك قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي رايون ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش سىياسەت سىستېمىسى ۋە جەمئىيەت مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش، كېيىنكىلەرنى ئۈمىدلىك كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك. «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى شەكىللىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئائىلىدە كۈتۈنۈشنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، كىشىلەرنى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. مەھەللىنىڭ كۈتۈنۈشتىكى تايانچلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىر ياشانغان كىشىنى خاتىرجەم، تىنچ، ئازادە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆپچىلىك ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن نۇرغۇن توغرا ۋە چوڭقۇر چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىگە يەتتى. يىغىندا شەكىللەنگەن ئورتاق تونۇش ۋە پىكىر - تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا جەملەپ رەتلەپ، كېڭىشىش پىكرىنى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدىكى پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم بەرگۈزۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قادىربېك قامزا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇتەللىپ ئوبۇل، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام سابىر باش تېمىلىق سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ