مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون 36- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2020.09.11 15:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون 36 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىكتىن مەسئۇلىيەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى ۋەزىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، كۈرەش قىلىش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، خەلق رازى مائارىپنى ياخشى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى ياۋ ۋېنبىڭ، تاشمەمەت يۈسۈپ، ۋاڭ شۆلى، جياڭ ۋەنرۇ، گو گۇڭلى، ئايگۈل ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىدا ئۆكۈنمەي چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى مائارىپ ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ئاددىي ئىش ئورنىغا بېغىشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ مائارىپچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

  لى پېڭشىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. كامالەتكە يەتكەن كەسپىي ئىقتىدار، ئادەم تەربىيەلەشتىكى يۈكسەك يۇقىرى سەۋىيەنى قەتئىي بوشاشماي تاۋلاپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئۆمۈرۋايەت چىڭ تۇرىدىغان كەسىپ قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا مائارىپ ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلغان ئادەم تەربىيەلەش قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ساپا ئارقىلىق سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەت، ئېسىل ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى بوشاشماي تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىيجاناب كىشىلىك پەزىلەت ئارقىلىق «ئوقۇتۇشتا باشقىلارغا ئۇستاز، ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇش»نىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش - ياخشى كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈپ ئاسراش، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىش، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن قىزغىن شۇغۇللىنىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ