مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا يېزىلغان ھال سوراش خېتى

2020.09.11 15:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە:

  ئالتۇن كۈزنىڭ مەيىن شامىلىدا، ئوقۇتقۇچى ئەجرىنىڭ مېۋىسى ھەر تەرەپتە خۇش ھىد چاچتى. 36 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ خىزمەتچىلەرگە بايراملىق سالام يوللايدۇ ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ! شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان جەمئىيەتتىكى ھەرساھەدىكى بارلىق زاتلارغا چىن قەلبىدىن تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ!

  مائارىپ دۆلەتنىڭ زور پىلانى، پارتىيەنىڭ زور پىلانى، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى. ئۇزاقتىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەرسخانا مۇنبىرىنى چىڭ ساقلاپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلدى، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئاددىي بولمىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بولۇپمۇ بۇ يىل تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەلبنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاپاغا چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى؛ بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىنى شەرھلىدى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ مائارىپچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ!

  ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ساپاسى - ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىش، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن قىزغىن شۇغۇللىنىش، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن كۆڭۈللۈك شۇغۇللىنىش، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن كۆڭلىنى توختىتىپ شۇغۇللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا، ئاتا - ئانىلارغا، جەمئىيەتكە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوقۇشنى نورمال ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوقۇشنى بىخەتەر ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەمدە مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنىڭ كۆڭۈللۈك، تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا چىن قەلبىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

  2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ