مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 95- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2020.09.11 15:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 95 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق نىزام چىقىرىش خىزمىتى پىلانى»نى تەڭشەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، ئاممىۋى سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىش تۈرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق نىزام چىقىرىش خىزمىتى پىلانى»نى مۇۋاپىق تەڭشەش زۆرۈر.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ياخشى نىزام ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى نىزام چىقىرىش پىلانىنى تەڭشەشتە «ئاممىۋى سەھىيەگە ئائىت نىزام چىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش» دېگەن مەزمۇن يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. «قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان نىزام لايىھەسى» ئەسلىدىكى ئون ئاساسىدا ئۈچى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن؛ «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەنگەن نىزام لايىھەسى» ئەسلىدىكى 23 ئاساسىدا يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ