مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىن 20 شەخس، ئون كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى

2020.09.10 13:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭدىن 20 شەخس، ئون كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە ئۆز بىخەتەرلىكىگە قارىماي، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە باتۇرلارچە كۈرەش قىلغان زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار مەيدانغا كەلدى، بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن 20 نەپەر مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاساسىي قاتلام، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئاخبارات مۇخبىرلىقى بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىداكارلىق كۆرسىتىش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش روھى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

  يىغىندا يەنە مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپلار، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەقدىرلەندى، شىنجاڭنىڭ 3 - تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەل قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەترىتى) ۋاقىتلىق پارتىيە باش ياچېيكىسى قاتارلىق ئون كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن نامغا ئېرىشتى، ياڭ جيەنجۇڭ قاتارلىق ئۈچ كىشى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى دېگەن نامغا ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ 3 - تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەل قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەترىتى) ۋاقىتلىق پارتىيە باش ياچېيكىسى قاتارلىق ئۈچ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى دېگەن نامغا ئېرىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ