مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى فۇكاڭ مۇلازىمەت رايونىنىڭ شىمالىي رايونى(گۇچۇڭدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان يۆنىلىش)دا پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

2020.09.10 13:51 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت نۆلدىن 9-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت نۆلگىچە، G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى فۇكاڭ مۇلازىمەت رايونىنىڭ شىمالىي رايونى(گۇچۇڭدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان يۆنىلىش) 24 سائەت پۈتۈنلەي تاقىلىدۇ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن مۇلازىمەت رايونىدا يول يۈزى قۇرۇلۇشى قىلىدۇ.

  ۋاقتى كەلگەندە، فۇكاڭ مۇلازىمەت رايونىنىڭ شىمالىي رايونىغا ھەرقانداق ئاپتوموبىل ۋە ئادەمنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ، مۇلازىمەت رايونىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانا ۋە دۇكانلار ۋاقتىنچە ئىشلىتىلمەيدۇ. شوپۇر دوستلار ئەگەر G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئارقىلىق سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمىسار ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، مورى ناھىيەسى ۋە ئالتاي يۆنىلىشىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرىگە بارماقچى بولسا، لىنىيەنى ياخشى پىلانلاپ، G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى داخۇاڭشەن مۇلازىمەت رايونىنىڭ شىمالىي رايونىدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئارام ئالسا، ماي قاچىلىسا بولىدۇ، فۇكاڭ مۇلازىمەت رايونىنى تاللىماسلىقى، شۇنداقلا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل توختاتماسلىقى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ