مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ بىڭتۇەن 4- شىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شىجاڭى ياڭ گويى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى

2020.09.09 14:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 4- شىسى كۆكدالا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، 4- شىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شىجاڭى ياڭ گويى ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  ياڭ گويىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ياڭ گويى، ئەر، خەنزۇ، 1961- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، سەنشى ۋۇجەيدىن، 1981- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987- يىلى 4- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي ئىنژېنېر.

  2015- يىلى 4- ئايدىن 2020- يىلى 2- ئايغىچە 4- شى كۆكدالا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 4- شىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان؛ 2020- يىلى 2- ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ