مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نىشان - ۋەزىپىلەرنى نىشانلاپ، داۋاملىق تۈردە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2020.09.09 13:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

  نىشان - ۋەزىپىلەرنى نىشانلاپ، داۋاملىق تۈردە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى، «گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ 2020 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ «گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2020 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش توغرىسىدىكى لايىھەسى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر ئورۇنلاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئىرادە، چىدامچانلىقنى ساقلاپ، كۈچنى سىجىل مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان تەسىرىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئائىلىگە قاراپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخى ۋە نامرات ئاھالىلەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تاماملاش كېرەك. «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم، ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكە، يەنىمۇ پۇختا ئىشلەپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇش، بىر قولدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەپ ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «تۆتنى تاشلىماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش كۈچى، ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ تىپىنى تەكشى، مۇقىم ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باش مەسئۇل بولۇشى، ئۆزى تۇتۇشى، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولغان يولداشلار ئىش تەقسىملەپ تۇتۇشى، كونكرېت تۇتۇشى، باشقا بەنزە ئەزالىرى ماسلىشىپ تۇتۇشى، ھەمكارلىشىپ تۇتۇشى كېرەك. ئېغىر نامرات رايونلاردىكى پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى بىرىنچى سەپنىڭ باش قوماندانلىقىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ھەم ئىشخانىلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش، ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ۋە ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ