مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

2020.09.09 13:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 12- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى

  9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 31 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 12 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 12 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسى(لايىھە)، كۈنتەرتىپى ۋە سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى، كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار(لايىھە) قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، يۇقىرىقى ئالاقىدار لايىھەلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 12 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 12 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» قارالمىسىنى چۆرىدەپ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنقى باسقۇچتىكى قانۇن بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قاتنىشىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت. ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنى يىغىننىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دانا پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ياخشى چارە - تەدبىرلەرنى كەڭ پىلانلاپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 11 - قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار تەتقىق قىلىنىپ ماقۇللىنىپ، مۇنداق تەكىتلەندى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىنلىق ئۇلانما، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالىرىنىڭ ۋاقىت - بوشلۇق چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى تېخىمۇ ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشتى. خىزمەتتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى جىددىي بولۇش، قاتتىق بولۇش، ھەرىكەتكە كېلىشكە يېتەكلەپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەت نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ