مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىغا، كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2020.09.09 13:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون 2020- يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

  ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىغا، كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايون 2020 - يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل «يۇقۇم» ۋە «ئاپەت»نىڭ قوش سىنىقىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە باش ۋەزىپە قىلىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تېزدىن يۆتكەپ، قەتئىي ھالدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، كۈزگى بۇغداي تېرىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىغا، كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش» «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا چەكلىمە خاراكتېرلىك نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىقنىڭ «ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش» ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە كۈزلۈك يىغىم، كۈزلۈك پەرۋىش قاتارلىق ھازىرقى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ