مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2020.09.08 15:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

  ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

  شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشتى.ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەستايىدىل ئۆگەندى. يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتناشقانلار «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ ئۆگەندى؛ يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنىڭ قىسمەن باب - پاراگرافلىرىنى باشلامچىلىق قىلىپ ئۆگەندى، چېن چۈەنگو، لى پېڭشىن، جاڭ بو ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىدا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر. ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇللارنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيە بايرىقى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، 21 - ئەسىردىكى ماركسىزم بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ يېڭى دەرسلىك. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇللارنى سىستېمىلىق ئىگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى 1 - توم، 2 - توم بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشتە يېتىشىپ مېڭىش، تونۇشتا يېتىشىپ مېڭىش، ھەرىكەتتە يېتىشىپ مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش داۋامىدا سىياسىي كۈچ، ئىدىيەۋى كۈچ، ئەمەلىيەت كۈچى ئېلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى ئۆگىنىپ چىقىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. جەۋھىرىنى، مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەش كېرەك. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «يارايدىغان»لىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكىنىڭ ئىچكى لوگىكىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ماھارىتىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، بۇرچ بىلەن ئۆگىنىپ، ئېتىقاد بىلەن ئۆگىنىپ، ھېسسىيات بىلەن ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پائال سۇپا ھازىرلاپ، تەتقىق قىلىش، شەرھلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆپ خىل شەكىللىك، كۆپ قاتلاملىق ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ۋە تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ