مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەتتە ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

2020.09.08 15:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى

  گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەتتە ئاغرىق دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. ھازىرغىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 823، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 237 بولۇپ، جەمئىي 1060.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بىرلەشمە داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ چېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىساللىرى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە دوختۇر - سېسترالار كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشى - داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، كېسەللىك ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى. نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەنپىي چىقتى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى، ئۆپكە قىسمىنى رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ھەممىسى نورمال بولۇپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 8 - نۇسخىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ