مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز

2020.09.08 15:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ مۇنداق بىلدۈردى −

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز

  «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىنىڭ تۈپ ئاساسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقىنىڭ تۈپ ئاساسى». يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ياراتقان ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  «8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ شىنجاڭدا قانات يايدۇرغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش پائالىيەتلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي(شەھەرلىك ئىنقىلابىي تارىخ خاتىرە ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى)نىڭ كەسىپ مەسئۇلى تۇرسۇن قېزىربېك مۇنداق دېدى: «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. بىز 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەھرىمانلار، قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى قېزىش، رەتلەش، تەشۋىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك».

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا بەش جەھەتتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم بەشكە <ھەرگىز قوشۇلماسلىق>نى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، بۇ جاراڭلىق سادا كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى سىياسەت، قانۇن - نىزام تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ داڭجيې مۇنداق دېدى: «بىز ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىرلىك سەپتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ بىرلىك سەپ ئەزالىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك».

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرەشلەر ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلىشىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك سەھىپە» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى ئومۇمىي بايان ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى يېڭى دەۋردىكى ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەيمەن».

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى خەنىچە كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ئىلھام ئەخەت مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. بىز باش شۇجىنىڭ سۆزىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمىز».

  سانجىنىڭ شەرقىدىكى بېيتا سەنشى شامال ئېلېكتىرىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇش توپلاش پونكىتى 220 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى سانجى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى تۈر باشقۇرۇش مەركىزى 1 - تۈر بۆلۈمىنىڭ تۈر دىرېكتورى ۋاڭ كەيمېي قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، قانچە خەۋپ - خەتەر بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بىلەن، سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ پاكىز ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

  28 ياشلىق ۋاڭ رېنجۈن 2016 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى سۈپىتىدە كەلپىن ناھىيەسىگە كېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم بۇ يەردە يىلتىز تارتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى بىر ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ياشلىق باھارىمنى پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ