مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز

2020.09.08 15:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ مۇنداق بىلدۈردى −

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز

  «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاز قالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى مۇساپىدە بىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەتجان داۋۇت مۇنداق دېدى: جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، ياشلار خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتەك تارىخىي تەپەككۇرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇش، بۇرچ زىممىدە بولۇشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ «كۈچ ئۇلاش كالتىكى»نى باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكۈزۈۋېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا جەڭگىۋار قوشۇنلۇق ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

  «بۇ بىر نەچچە يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ھەقىقەتەن بەك زور بولدى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى دىڭ جيەنۋېن مۇنداق دېدى: «ئادەمنىڭ مەنىۋى كۈچى چەكسىز بولىدۇ، مەن تولۇپ تاشقان ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىمنى كۈندىلىك باج يىغىش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىم، بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ۋەتەن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمەن».

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش - تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ ۋېيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى سېپىدىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جان - دىل بىلەن پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈشىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن».

  يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تاغارچى يېزىسى تاغارچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن موللاق مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يىللاردا، كەنت قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، كەنتتە يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، تۇرمۇشىمىز يىلدىن - يىلغا ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن كەلگەن، بىز چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمىز».

  تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئايدىڭكۆل بازىرى شىرەم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىشكىرام قېيۇم كەنت كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ھەم باشقا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىدى، كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يىللاردا، ئائىلەمدە ئەمگەك كۈچى ئاز بولغاچقا تۇرمۇشىمىز غورىگىل ئۆتەتتى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مېنىڭ بېيىش يولى تېپىشىمغا پائال ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە مەن 60 نەچچە تۇياق گۆش كالىسى بېقىپ، كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندىم، ھازىر مەن شەھەردىن بىنا ئۆي سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، مەن مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن».

  (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار لياڭ لىخۇا، مېھرىگۈل ناسىر، خېي خۇڭۋېي، شيې خۇيبيەن، خەن چىنيەن، جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ جۈن، لىڭ جيې)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ