مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆلكە ھالقىپ ساياھەت قىلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن تۇنجى ساياھەت ئۆمىكى شىنجاڭغا كەلدى

2020.09.08 15:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «يىراقتىكى ئاپپاق قار، يېقىندىكى سايە تاشلاپ تۇرغان يېشىل قارىغايلار، تەۋرىنىپ تۇرغان زۇمرەتتەك كۆل سۈيى، كۈز پەسلىدىكى بوغدا كۆلى بەئەينى سۈرەتتەك گۈزەل ئىكەن!» 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بوغدا كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن، سىچۇەن ميەنياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ رۇڭ ئىختىيارسىز ماختاپ كەتتى.

  شۇ كۈنى، سىچۇەن ۋە جېجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ سەيلە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بازار باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆلكە ھالقىپ ساياھەت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن كۈتۈۋالغان شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن تۇنجى ساياھەت ئۆمىكى ئىكەن.

  9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ساياھەت كوپىراتىپى ليۇ رۇڭغا شىنجاڭنىڭ ئۆلكە ھالقىپ ساياھەت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ليۇ رۇڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. ليۇ رۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن 80 نەچچە ياشقا كىرگەن ئانام ۋە تۆت ياشلىق نەۋرە قىزىمنى ئېلىپ كەلدىم، يول بويى خىزمەتچى خادىملار بىزنىڭ ھالىمىزدىن ياخشى خەۋەر ئالدى، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن. شىنجاڭ ياخشى جاي، بىز شىنجاڭدا كۆپرەك ئوينايمىز.

  «بىز ساياھەتچىلەرگە ماسكا، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەييارلىدۇق، تاماق جەھەتتە بىز پولۇ، لەڭمەن قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس ئېسىل تاماقلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئايرىپ غىزالىنىشنى يولغا قويدۇق.» شىنجاڭ كاڭخۇي تەبىئەت خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ شيۇليەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شۇ كۈنى ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىلەرنى بوغدا كۆلى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، كېيىن قاناس قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا ئاپىرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 2881 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان. فۇكاڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تىيانشان بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر چېڭ شياۋفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ يۇقۇمدىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش يېڭى ئېھتىياجىغا قارىتا زاكازلىق مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، چېنىقىش، خاتىرجەم ساياھەت قىلىش لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ساياھەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ