مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرنىڭ كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى كېچىكتۈرۈلدى

دەرسلەر «تور بوشلۇقىدىكى دەرسخانىلار»دا ئۆتۈلىدۇ

2020.08.28 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 26-ئاۋغۇست ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى مەكتەپ خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشى بىلەن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى كېچىكتۈرۈلدى. 1- سېنتەبىردىن باشلاپ، دەرسلەر «تور بوشلۇقىدىكى دەرسخانىلار»دا ئۆتۈلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوقۇش باشلاش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، ھەرقانداق مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قايتىشقا تەشكىللىشى، تور سىرتىدا دەرس تولۇقلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. جايلار ۋە مەكتەپلەر دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تەلەپلىرى بويىچە، سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەكتەپ تازىلىق مۇھىتىنى باھالاپ، مەكتەپ مۇھىتى تازىلىقى مەسىلىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈزەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاپ ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىپ، مەكتەپ مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ «تۆتتە بالدۇر بولۇش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرىنى ئېنىقلاشنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش كېرەك؛ تەقلىدىي ئوقۇش باشلاش مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك خىزمەت تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنىڭ باشلىنىش يىللىقىدىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا تەشكىللەش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتىرلەشكەن مائارىپ يۇرتى، مائارىپ تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى، كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، جۇڭگو تېلېگرافى قاتارلىق ئورۇنلار تېلېۋىزىيە ۋە تور يوللىرى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى «تور بوشلۇقىدىكى دەرسخانىلار»دىن ئىبارەت تور سۇپىسىدىكى دەرس بايلىقلىرى بىلەن بىر تۇتاش تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ