ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرسا بولىدۇ

2020.08.21 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

  شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چياۋ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى قىسمەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى سىياسىتىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار «ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ ئادەتتىكى تەرتىپى بويىچە، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ياكى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ