شىنجاڭدا مەمۇر قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ

2020.08.11 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسى مەمۇرلار 2-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى يىن جىمىڭ 8-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپلەپ يۆتكىلىپ، يىغىلىپ قېلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەسلىدە 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەتتىن مەمۇر قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانى كېچىكتۈرۈلدى، كونكرېت ۋاقتى ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ