مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جەمىلە» ناملىق فىلىم شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2020.08.07 16:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، 23-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى كىنو قانىلى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان بۆلەكلەر بويىچە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ كىنوسى «جەمىلە» شەرەپ بىلەن تەشكىلىي كومىتېتنىڭ ئالاھىدە شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، بۈگۈنگە قەدەر شىنجاڭ كىنولىرىنىڭ بۇ كىنو بايرىمىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى.

  دۇنيا بويىچە 3700گە يېقىن فىلىم مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، 23-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ ھەر قايسى مۇسابىقە بۆلەكلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە كىنو قانىلى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان بۆلەكلەر بويىچە 100دىن ئارتۇق ئەسەر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، توققۇز ئەسەر دائىرىگە كىردى.

  «جەمىلە» ناملىق كىنودا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، غۇلجا ناھىيەسى خۇدىيايۈزى يېزىسى گەمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يۈەنمىننى ئەسلى تىپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بىر ئايال كادىرنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغانلىق، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلغانلىق ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

  «جەمىلە» ناملىق فىلىم مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان 100دىن ئارتۇق فىلىمدىن تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، ھېكايىنىڭ چىنلىقى، تەسىرلىكلىكى، ئىدىيەۋىلىكى، بەدىئىيلىكى يۇقىرى. بۇ فىلىمگە مەركىزىي كومىتېت شىنيىڭ گۇرۇھىنىڭ داڭلىق رېژىسورى ۋاڭ يىيەن، دېڭىز ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمى تېلېۋىزىيە سەنئىتى مەركىزىنىڭ داڭلىق ئارتىسى جېڭ ۋېيلى، سېنارىست ۋاڭ ئەنرۈن، چىڭ تۇڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەسئۇل بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ