مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى سەككىز تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى

2020.08.07 16:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى سەككىز تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ

  جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  بۇ سەككىز تۈرلۈك تەدبىر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش، مەلۇم قىلىش تەننەرخىنى ئازايتىش، ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرىنى تەكشۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇش، يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللاش، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۈگۈن پورتى قۇرۇلۇشىنى قوللاش، يىغىلىش مەركىزىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى قوللاش، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش قاتارلىقلار.

  7 - ئايدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى ئالاقىدار تەدبىرلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىدىكى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ توشۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  «بىز يەككە كۆزنەك ۋە ئالاقە تورى + تاموژنا سۇپىسىغا تايىنىپ، <يۈز كۆرۈشمەي> كەسىپنىڭ پۈتۈن جەريانىنى توردا تېز بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تاموژنىدىن ئۆتۈش مەخسۇس كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، <سائەت 24×7> ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل يول ئېچىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، نۆۋەتچى پويىز كەلگەن ھامان دەرھال تەكشۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 1 - بۆلۈمىنىڭ 4 - دەرىجىلىك مەسئۇلى زوۋ جياڭ.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 117، يۈك توشۇش مىقدارى 116 مىڭ 900 توننا، سودا سوممىسى 547 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %7.34، %20.75، %11.3 ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ